قۇرئان كەرىم » ئۇيغۇرچە » سۈرە نەسر
ئۇيغۇرچە
كىتابلار
- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى«مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى» ناملىق بۇ كىتاب دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ياۋرۇپا ئەللىرىدىمۇ كۆرىنەرلىك نەتىجەگە ئېرىشكەن ۋە غەيرى مۇسلىملار ئارىسىدىمۇ غۇلغۇلا قوزغىغان. بۇ كىتابتا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئائىلە كىلىپ چېقىشى، دۇنياغا كېلىشى ۋە ۋەھيى چۈشۈشتىن ئىلگىرىكى ھاياتى، ئەخلاقى ۋە پەيغەمبەر بولغاندىن كېيىنكى دىن تەشۋىقات پائالىيەتلىرى، ھېجرەت ۋە غازاتلىرى، ۋاپاتى قاتارلىق ئۇ زاتنىڭ ھاياتىغا ئائىت ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى ھۆزۇرۇڭلارغا سۇنىدۇ.
يازما : ئەبۇبەكرى سىراجىددىن
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/64945
- ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
يازما : مۇھەممەد ئابدۇلقادىر ئەبۇ پارىس
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن
Source : http://www.islamhouse.com/p/52775
- ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.
يازما : دوكتۇر ئابدۇراھمان رەئپەت پاشا
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52882
- ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى«ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە ئەقىدىسى» ناملىق بۇ كىتاپدا، ئەھلى سۈننەت جەمائىتىنىڭ ئەقىدىسى، تەۋھىد ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى، ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىم-سۇپەتلىرى، مەلائىكىلەر، سەماۋى كىتاپلار، پەيغەمبەرلەر، ئاخىرەت كۈنى، تەقدىر يەنى ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئاللاھدىن بولىدىغانلىقى ... قاتارلىق ئەقىدىگە ئائىت مەسىلىلەرگە قانداق ئىمان كەلتۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە ئاساسلىنىپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
يازما : ئەللامە شەيخ مۇھەممەد ئىبنى سالىھ ئەلئۇسەيمىين
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
تەرجىمە قىلغۈچى : ئۆمەر مۇھسىن - ئۆمەر مۇھسىن
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org
Source : http://www.islamhouse.com/p/52521
- دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار«دىنى ئەھكاملاردىن سوئال ۋە جاۋابلار» ناملىق بۇ كىتابچىدا، ئاپتور ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ۋە يولغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىلەرنى، كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىنىڭ قولايلىق بولىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇسۇلماننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان218 سوئال ۋە جاۋابنى، سوئال-جاۋاب شەكلىدە تەييارلاپ ھۆزۈرۈڭلارغا تەقدىم قىلدى.
يازما : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم
تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى
نەشرى ماتىرياللىرىدىن : رىياد شەھرى رەبۋە رايونى دىن تەشۋىقات ھەمكارلىق مەركىزى www.islamhouse.com
Source : http://www.islamhouse.com/p/193302












