ئۇيغۇرچە - سۈرە ھەشر - قۇرئان كەرىم
اختر القاريء


ئۇيغۇرچە

سۈرە ھەشر - عدد الآيات 24
سَبَّحَ لِلَّهِ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ ( 1 ) ھەشر - الآية 1
ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ قا تەسبىھ ئېيتتى، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر
هُوَ الَّذِي أَخْرَجَ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِن دِيَارِهِمْ لِأَوَّلِ الْحَشْرِ ۚ مَا ظَنَنتُمْ أَن يَخْرُجُوا ۖ وَظَنُّوا أَنَّهُم مَّانِعَتُهُمْ حُصُونُهُم مِّنَ اللَّهِ فَأَتَاهُمُ اللَّهُ مِنْ حَيْثُ لَمْ يَحْتَسِبُوا ۖ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ ۚ يُخْرِبُونَ بُيُوتَهُم بِأَيْدِيهِمْ وَأَيْدِي الْمُؤْمِنِينَ فَاعْتَبِرُوا يَا أُولِي الْأَبْصَارِ ( 2 ) ھەشر - الآية 2
اﷲ ئەھلى كىتابتىن بولغان كاپىرلارنى (يەنى بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى) تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈندە ئۆيلىرىدىن ھەيدەپ چىقاردى، سىلەر ئۇلارنى (كۈچلۈك تۇرۇپ مۇنداق خار ھالدا) چىقىپ كېتىدۇ دەپ گۇمان قىلمىغان ئىدىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قورغانلىرىنى ئۆزلىرىنى اﷲ نىڭ (ئازابىدىن) توسىيالايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇلارغا اﷲ نىڭ ئازابى ئۇلار ئويلىمىغان يەردىن كەلدى. اﷲ ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالدى، ئۇلار ئۆيلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ قوللىرى ۋە مۆمىنلەرنىڭ قوللىرى بىلەن بۇزدى، ئى ئەقىل ئىگىلىرى! (ئۇلارنىڭ ھالىدىن) ئىبرەت ئېلىڭلار
وَلَوْلَا أَن كَتَبَ اللَّهُ عَلَيْهِمُ الْجَلَاءَ لَعَذَّبَهُمْ فِي الدُّنْيَا ۖ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابُ النَّارِ ( 3 ) ھەشر - الآية 3
ئەگەر اﷲ ئۇلارنى سۈرگۈن بولۇشقا ھۆكۈم قىلمىغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنى دۇنيادا (ئۆلتۈرۈش) بىلەن ئازابلايتتى، ئۇلار ئاخىرەتتە دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ
ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ شَاقُّوا اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۖ وَمَن يُشَاقِّ اللَّهَ فَإِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ ( 4 ) ھەشر - الآية 4
بۇ (يەنى ئۇلارنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲ بىلەن ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشتى، كىمكى اﷲ بىلەن قارشىلىشىدىكەن، شۈبھىسىز، اﷲ ئۇنى قاتتىق جازالايدۇ
مَا قَطَعْتُم مِّن لِّينَةٍ أَوْ تَرَكْتُمُوهَا قَائِمَةً عَلَىٰ أُصُولِهَا فَبِإِذْنِ اللَّهِ وَلِيُخْزِيَ الْفَاسِقِينَ ( 5 ) ھەشر - الآية 5
(ئى مۇسۇلمانلار!) سىلەر مەيلى (بەنى نەزىرنىڭ) خورمىلىرىنى كېسىڭلار، مەيلى ئۇنى بۇرۇنقى پېتى ئۆرە قالدۇرۇڭلار، ھەممىسىگە اﷲ رۇخسەت قىلىدۇ، (اﷲ نىڭ رۇخسەت قىلىشى) اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلارنى (يەنى يەھۇدىيلارنى) رەسۋا قىلىش ئۈچۈندۇر
وَمَا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْهُمْ فَمَا أَوْجَفْتُمْ عَلَيْهِ مِنْ خَيْلٍ وَلَا رِكَابٍ وَلَٰكِنَّ اللَّهَ يُسَلِّطُ رُسُلَهُ عَلَىٰ مَن يَشَاءُ ۚ وَاللَّهُ عَلَىٰ كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ ( 6 ) ھەشر - الآية 6
اﷲ پەيغەمبىرىگە ئۇلاردىن (يەنى بەنى نەزىرنىڭ ماللىرىدىن) قايتۇرغان غەنىمەتلەرنى سىلەر ئات - تۆگىلەرنى چاپتۇرۇپ (يەنى ئەجىر قىلىپ، جاپا - مۇشەققەت تارتىپ) قولغا كەلتۈرگەن ئەمەس، لېكىن اﷲ پەيغەمبەرلىرىنى خالىغان ئادەمگە مۇسەللەت قىلىدۇ، اﷲ ھەر نەرسىگە قادىردۇر
مَّا أَفَاءَ اللَّهُ عَلَىٰ رَسُولِهِ مِنْ أَهْلِ الْقُرَىٰ فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَىٰ وَالْيَتَامَىٰ وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ كَيْ لَا يَكُونَ دُولَةً بَيْنَ الْأَغْنِيَاءِ مِنكُمْ ۚ وَمَا آتَاكُمُ الرَّسُولُ فَخُذُوهُ وَمَا نَهَاكُمْ عَنْهُ فَانتَهُوا ۚ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۖ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ ( 7 ) ھەشر - الآية 7
اﷲ پەيغەمبىرىگە غەنىمەت قىلىپ بەرگەن ئەلى قۇرا (يەنى قۇرەيزە، نەزىر، پەدەك ۋە خەيبەر كۇففارلىرى) نىڭ ماللىرىنى، ئىچىڭلاردىكى بايلار ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ يۈرمەسلىكى ئۈچۈن، اﷲ قا، پەيغەمبەرگە، پەيغەمبەرنىڭ خىش - ئەقرىبالىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، ئىبن سەبىللەرگە خاس قىلدى، پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار، اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر
لِلْفُقَرَاءِ الْمُهَاجِرِينَ الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِن دِيَارِهِمْ وَأَمْوَالِهِمْ يَبْتَغُونَ فَضْلًا مِّنَ اللَّهِ وَرِضْوَانًا وَيَنصُرُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الصَّادِقُونَ ( 8 ) ھەشر - الآية 8
(ئۇ غەنىمەتنىڭ بىر قىسمى) دىيارىدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان، مال - مۈلكىدىن ئايرىلغان پېقىر مۇھاجىرلارغا خاستۇر، ئۇلار اﷲ نىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، اﷲ قا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەنە شۇلار (ئىماندا) سادىق ئادەملەردۇر
وَالَّذِينَ تَبَوَّءُوا الدَّارَ وَالْإِيمَانَ مِن قَبْلِهِمْ يُحِبُّونَ مَنْ هَاجَرَ إِلَيْهِمْ وَلَا يَجِدُونَ فِي صُدُورِهِمْ حَاجَةً مِّمَّا أُوتُوا وَيُؤْثِرُونَ عَلَىٰ أَنفُسِهِمْ وَلَوْ كَانَ بِهِمْ خَصَاصَةٌ ۚ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفْسِهِ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْمُفْلِحُونَ ( 9 ) ھەشر - الآية 9
ئۇلاردىن (يەنى مۇھاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار موھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
وَالَّذِينَ جَاءُوا مِن بَعْدِهِمْ يَقُولُونَ رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا وَلِإِخْوَانِنَا الَّذِينَ سَبَقُونَا بِالْإِيمَانِ وَلَا تَجْعَلْ فِي قُلُوبِنَا غِلًّا لِّلَّذِينَ آمَنُوا رَبَّنَا إِنَّكَ رَءُوفٌ رَّحِيمٌ ( 10 ) ھەشر - الآية 10
ئۇلاردىن كېيىن كەلگەنلەر: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ۋە بىزدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان قېرىنداشلىرىمىزغا مەغپىرەت قىلغىن، دىللىرىمىزدا مۆمىنلەرگە قارشى دۈشمەنلىك پەيدا قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىمىز! سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مېھرىبانسەن» دەيدۇ
أَلَمْ تَرَ إِلَى الَّذِينَ نَافَقُوا يَقُولُونَ لِإِخْوَانِهِمُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ لَئِنْ أُخْرِجْتُمْ لَنَخْرُجَنَّ مَعَكُمْ وَلَا نُطِيعُ فِيكُمْ أَحَدًا أَبَدًا وَإِن قُوتِلْتُمْ لَنَنصُرَنَّكُمْ وَاللَّهُ يَشْهَدُ إِنَّهُمْ لَكَاذِبُونَ ( 11 ) ھەشر - الآية 11
مۇناپىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى) ئىنكار قىلغان ئەھلى كىتاب بۇرادەرلىرىگە: «يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىلسەڭلار، بىز چوقۇم سىلەر بىلەن بىرگە چىقىپ كېتىمىز، ھەرگىز سىلەرنىڭ زىيىنىڭلار ھېسابىغا باشقا ئادەمگە ئىتائەت قىلمايمىز، سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلسا چوقۇم سىلەرگە ياردەم بېرىمىز» دېيىشكەنلىكىنى كۆرمىدىڭمۇ؟ اﷲ گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، مۇناپىقلار چوقۇم يالغانچىلاردۇر
لَئِنْ أُخْرِجُوا لَا يَخْرُجُونَ مَعَهُمْ وَلَئِن قُوتِلُوا لَا يَنصُرُونَهُمْ وَلَئِن نَّصَرُوهُمْ لَيُوَلُّنَّ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ ( 12 ) ھەشر - الآية 12
ئەگەر ئۇلار ھەيدەپ چىقىرىلسا، مۇناپىقلار ئۇلار بىلەن بىللە چىقمايدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىلسا، مۇناپىقلار ئۇلارغا ياردەم بەرمەيدۇ، بەرگەن تەقدىردىمۇ يۈز ئۆرۈپ قاچىدۇ، ئەھلى كىتاب ياردەمگە ئېرىشەلمەيدۇ
لَأَنتُمْ أَشَدُّ رَهْبَةً فِي صُدُورِهِم مِّنَ اللَّهِ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَّا يَفْقَهُونَ ( 13 ) ھەشر - الآية 13
شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۇلارنىڭ دىللىرىدا اﷲ قا قارىغاندىمۇ قورقۇنچلۇقسىلەر (يەنى ئۇلار سىلەردىن اﷲ تىن قورققاندىنمۇ بەك قورقىدۇ)، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار اﷲ نىڭ (ئۇلۇغلۇقىنى) چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر
لَا يُقَاتِلُونَكُمْ جَمِيعًا إِلَّا فِي قُرًى مُّحَصَّنَةٍ أَوْ مِن وَرَاءِ جُدُرٍ ۚ بَأْسُهُم بَيْنَهُمْ شَدِيدٌ ۚ تَحْسَبُهُمْ جَمِيعًا وَقُلُوبُهُمْ شَتَّىٰ ۚ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمْ قَوْمٌ لَّا يَعْقِلُونَ ( 14 ) ھەشر - الآية 14
ئۇلار پەقەت مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە ياكى تاملارنىڭ ئارقىسىدا تۇرغاندىلا، ئاندىن سىلەرگە قارشى بىرلىشىپ ئۇرۇش قىلالايدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇرۇشى ئۆز ئىچىدە قاتتىقتۇر، ئۇلارنى ئۆم دەپ ئويلايسەن، ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ دىللىرى تارقاقتۇر، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار چۈشەنمەيدىغان قەۋمدۇر
كَمَثَلِ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ قَرِيبًا ۖ ذَاقُوا وَبَالَ أَمْرِهِمْ وَلَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ ( 15 ) ھەشر - الآية 15
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۇلاردىن ئىلگىرى يېقىندىلا ئۆتكەن، قىلمىشلىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارغا (يەنى مۇشرىكلارغا) ئوخشايدۇ، ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
كَمَثَلِ الشَّيْطَانِ إِذْ قَالَ لِلْإِنسَانِ اكْفُرْ فَلَمَّا كَفَرَ قَالَ إِنِّي بَرِيءٌ مِّنكَ إِنِّي أَخَافُ اللَّهَ رَبَّ الْعَالَمِينَ ( 16 ) ھەشر - الآية 16
ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار يەھۇدىيلارنى ئۇرۇشقا قىزىقتۇرۇشقا) شەيتانغا ئوخشايدۇ، ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئىنسانغا: «كاپىر بولغىن» دېدى. ئىنسان كاپىر بولغان چاغدا، شەيتان: «مەن سەندىن ئادا - جۇدامەن، مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ تىن قورقىمەن» دېدى
فَكَانَ عَاقِبَتَهُمَا أَنَّهُمَا فِي النَّارِ خَالِدَيْنِ فِيهَا ۚ وَذَٰلِكَ جَزَاءُ الظَّالِمِينَ ( 17 ) ھەشر - الآية 17
ئۇلارنىڭ (يەنى شەيتان بىلەن ئىنساننىڭ) ئاقىۋىتى بىرلىكتە دوزاخقا كىرىش، دوزاختا مەڭگۈ قىلىش بولدى، ئەنە شۇ زالىملارنىڭ جازاسىدۇر
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَلْتَنظُرْ نَفْسٌ مَّا قَدَّمَتْ لِغَدٍ ۖ وَاتَّقُوا اللَّهَ ۚ إِنَّ اللَّهَ خَبِيرٌ بِمَا تَعْمَلُونَ ( 18 ) ھەشر - الآية 18
ئى مۆمىنلەر! اﷲ تىن قورقۇڭلار، ھەر ئادەم ئەتە (يەنى قىيامەت كۈنى) ئۈچۈن (ياخشى ئەمەللەردىن) نېمىلەرنى تەييارلىغانلىقىغا قارىسۇن، اﷲ تىن قورقۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر
وَلَا تَكُونُوا كَالَّذِينَ نَسُوا اللَّهَ فَأَنسَاهُمْ أَنفُسَهُمْ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ ( 19 ) ھەشر - الآية 19
سىلەر اﷲ نى ئۇنتۇغان، شۇنىڭ بىلەن اﷲ ئۇلارغا ئۆزلىرىنى ئۇنتۇلدۇرغان كىشىلەردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار پاسىقلاردۇر
لَا يَسْتَوِي أَصْحَابُ النَّارِ وَأَصْحَابُ الْجَنَّةِ ۚ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ هُمُ الْفَائِزُونَ ( 20 ) ھەشر - الآية 20
ئەھلى دوزاخ بىلەن ئەھلى جەننەت (قىيامەت كۈنى) باراۋەر بولمايدۇ، ئەھلى جەننەت بولسا مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر
لَوْ أَنزَلْنَا هَٰذَا الْقُرْآنَ عَلَىٰ جَبَلٍ لَّرَأَيْتَهُ خَاشِعًا مُّتَصَدِّعًا مِّنْ خَشْيَةِ اللَّهِ ۚ وَتِلْكَ الْأَمْثَالُ نَضْرِبُهَا لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ ( 21 ) ھەشر - الآية 21
ئەگەر بىز قۇرئاننى بىرەر تاغقا نازىل قىلساق، چوقۇم سەن ئۇنىڭ اﷲ تىن قورققانلىقتىن باش ئەگكەنلىكىنى، يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرەتتىڭ، بىز بۇ مىساللارنى كىشىلەرگە ئۇلار (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى) پىكىر قىلسۇن دەپ بايان قىلىمىز
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ ۖ عَالِمُ الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ ۖ هُوَ الرَّحْمَٰنُ الرَّحِيمُ ( 22 ) ھەشر - الآية 22
اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ يوشۇرۇننى، ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر
هُوَ اللَّهُ الَّذِي لَا إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ الْمَلِكُ الْقُدُّوسُ السَّلَامُ الْمُؤْمِنُ الْمُهَيْمِنُ الْعَزِيزُ الْجَبَّارُ الْمُتَكَبِّرُ ۚ سُبْحَانَ اللَّهِ عَمَّا يُشْرِكُونَ ( 23 ) ھەشر - الآية 23
اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر، (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازابتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىبتۇر، قەھر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر، (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر
هُوَ اللَّهُ الْخَالِقُ الْبَارِئُ الْمُصَوِّرُ ۖ لَهُ الْأَسْمَاءُ الْحُسْنَىٰ ۚ يُسَبِّحُ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ ۖ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ ( 24 ) ھەشر - الآية 24
اﷲ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، (يوقلۇقتىن) پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر

كىتابلار

  • ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى«ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى»بۇ كىتاپ ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆي ياسىشىغا دائىر قۇرئاندىكى ئىلمى مۆجىزىلەرنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.ئاللاھ تائالانىڭ ئۆمۈچۈكنى مىسالغا ئېلىشى، ئۆزىدىن باشقا تاش،ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،ئۆلگەن ۋە ھايات ئىنسانلارغا ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشىنى ئۈمۈت قىلغان ئاساستا چوقۇنغۇچى ئىنسانلارغا قارىتا كەلتۇرگەن بەدىئى ئوخشۇتۇش ئىكەنلىكى قاتارلىقلارنى ئىلمىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ ۋەھدانىيىتىگە چاقىرىدۇ.

    يازما : ئەبۇلمۇنزىر خەلىل ئىبراھىم ئەمىن

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئا.قارلۇقى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/66472

    التحميل :ئۆمۈچۈكنىڭ ئۆيى

  • ھەقىقەتنىڭ ئېلانىھەقىقەتنىڭ ئېلانى, ناملىق بۇ كىتاب مۇندىن يۈز يىل ئىلگىرى ھىندۇستانلىق ئالىم رەھمەتۇللاھ ھىندىي دېگەن كىشىنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلغان 4 توملۇق كىتاب بولۇپ، تەۋرات ، ئىنجىل ۋە قۇرئان ھەققىدە تەپسىلى توختۇلۇپ، يەھۇدىي ۋە خرىستىئان مۇرتلىرىنىڭ سەپسەتىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى كىتابلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك دەلىل-پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىتاب كېيىنچە 1تومغا قىسقارتىلغان. ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەنە شۇ قىسقارتىلغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا ئاساسەن ياش تەرجىمان دىنى زىيالى ژورنالىست مۇھەممەد يۇسۇپ ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.

    يازما : شەيىخ رەھمەتۇللاھ ھىندۈستانى - مۇھەممەد ئەھمەد مەلكاۋى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : مۇھەممەد يۇسۇپ قارىم

    Source : http://www.islamhouse.com/p/50694

    التحميل :ھەقىقەتنىڭ ئېلانى

  • ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش«ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش»ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام دىنىنى ئەڭ ئاسان ئۇسۇل بىلەن چۇشەندۇرۇپلا قالماي؛بەلكى ئىسلامنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى مۆمىن قەلبىدە ئۇرغۇتقۇسى.بۇ كىتاب ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بىلەن ھەر-خىل شەيتانى خىياللارغا قانائەتلىنەرلىك ئەقلى دەلىل ۋە قۇرئان كەرىم ، ساغلام ھەدىسلەرنىڭ روھى بىلەن ئىلمى ئاساستا ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : ئەلى تەنتاۋى - ئەلى تەنتاۋى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئىسلام جان ئۇيغۇرى

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/70722

    التحميل :ئىسلام دىنىنى ئومۇمى تونۇشتۇرۇش

  • قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرىقۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ ۋە شۇنداقلا دىنغا ئىشەنمەيدىغان ماددى كۆز قاراشتىكى ئاتىزىمچىلارغا ئۇلار چۇشۇنىغان ئۇسلۇب بىلەن ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ھەق دىن ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : ئۆمەر چىلەك

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/50894

    التحميل :قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى

  • مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى«مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى» ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام پىرىنسىپلىرىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبى خەلىقئارادىكى ئورنىنىڭ توۋەنلىگەنلىكى، ئەگەر ئۇلار، ئەقىدىسىدە چىن بولغان كۈنى ئاللاھنىڭ نۇسرىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنىڭ كىلىچىكىنىڭ پارلاق ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى پاتپاراقچىلىقلارنى ئىسلام دىنىلام نەتىجىلىك ھەل قىلالايدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە ھەدىستىن، تارىخ ۋە داڭلىق ئالىملارنىڭ سوزلىرىدىن دەلىل كەلتۇرۇپ ئىلمى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

    يازما : ئەبۇلھەسەن ئەننەدەۋى

    تەكشۇرۇپ بېكىتكۈچى : ن.تەمكىنى

    تەرجىمە قىلغۈچى : سابىرجان

    نەشرى ماتىرياللىرىدىن : ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى - http://www.munber.org

    Source : http://www.islamhouse.com/p/52939

    التحميل :مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى بىلەن دۇنيا نېمىلەرنى يوقاتتى